مەمتىمىن ۋە مىركامىل خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى

بۇ ياز ئىلگىرىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە

مەمتىمىن ئىسلام

مىركامىل مامۇت

ئىككى سەپدىشىمىز بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى

سەمىمىي مۇھەببىتى ۋە ھاياتىنى بېغىشلىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىن ئايرىلدى

بۇ يازنى چوقۇم ئۇنتۇمايمىز

56 ياش، 37 ياش

ئۇلار تۇيۇقسىزلا كېتىپ قالدى

ئالدىراشلىق خىزمىتىدىن بىرئاز دەم ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي

ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇن-بالىلىرىغا خوش دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي

تاغدەك بەستى كېچە-كۈندۈز ئايرىلمىغان خىزمەت ئورنىدا يىقىلدى...

2020-يىلى 9-ئاۋغۇست سائەت 13 تىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، يۇقۇمغا قارشى 1-سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان قاغىلىق ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چاڭئەنيۈەن رايونى ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ 1-دەرىجىلىك ساقچىسى مەمتىمىن ئىسلام دىجورنىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، 52 يېشىدا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى.

مەمتىمىن ئىسلام 1982-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987-يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، 1994-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان 33 يىلدىن بۇيان، مەمتىمىن ئىسلام ئۇزۇن مۇددەت ئاساسىي قاتلامدا كۈرەش قىلغان. 1996-يىلى 3-ئايدا جايتېرەك ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى، 2011-يىلى 1-ئايدا چاسامىچىت ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى، 2013-يىلى 4-ئايدا تۇغچى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. مەمتىمىن ئىسلام خىزمەت جەريانىدا ئىجتىھات بىلەن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، تەۋەلىك رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا نۇرغۇن ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ھەربىر سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق ساقچىسىنىڭ سادىق، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايەن قىلغان. ئىلگىرى 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىنغان. كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.

يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، مەمتىمىن ئىسلام يۈرىكىگە كۆۋرۈك سالدۇرغانلىقىغا قارىماي، ھالقىلىق، ئالاھىدە پەيتتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باشقىلارنى يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش 1-سېپىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، كېچە-كۈندۈز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، چارلاش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇرۇپ، تاكى خىزمەت ئورنىدا يىقىلىپ قالغانغا قەدەر، ھاياتىنى مۇشۇ ئالاھىدە ياز پەسلىگە بېغىشلىغان.

10-ئاۋغۇست سائەت 14 تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، يېڭىسار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مىركامىل مامۇت ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، 37 يېشىدا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى.

مىركامىل مامۇت 2006-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 2010-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان، 2012-يىلى 8-ئايدا يېڭىسار ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 2016-يىلى 3-ئايدا يېڭىسار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان. مىركامىل مامۇت جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، قانۇن-تۈزۈم، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان. كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، خىزمەت ئىستىلى پۇختا بولغانلىقتىن، كۆپ قېتىم «ئىلغار شەخس»، «مۇنەۋۋەر مەمۇر» بولۇپ باھالانغان.

2020-يىلى 3-ئايدا خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، مىركامىل مامۇت خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تيانشان رايونىدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ھەمدە ئۆزى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باش يېتەكچىسى بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيان، مىركامىل مامۇت خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق خادىملارنى يېتەكلەپ، ئۆزىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان. ئۇ كۈندىلىك خىزمەت ئەھۋالىنى كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئېنىق يېزىپ ماڭغان. ئەپسۇس، تېخى يېزىلىپ بولۇنمىغان كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ۋاقتى 10-ئاۋغۇستتا توختىغان.

مىركامىل مامۇتنىڭ ئاتا-ئانىسى، خوتۇن-بالىلىرى قەشقەر شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. دەسلەپكى 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېڭىسار ناھىيەسىدىن، كېيىنچە 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، ئۇ خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەمدىن-كەم جەم بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۆيىگە قايتمىغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان مىركامىل مامۇت ھەتتا يېقىنلىرىغا خوشلىشىش سۆزىنى ئېيتىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي كېتىپ قالغان!

سۆيۈملۈك سەپداشلار، خاتىرجەم بولۇڭلار!

سىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلدىڭلار

بىز داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز!!!

ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەر ۋە تەدبىرلەر

ۋىدېيو| ئاشلىقنى بۇنداق ئىسراپ قىلساڭلار، ئىچىڭلار ئېچىشمامدۇ؟

ۋىدېيو| يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس زادى قانداق ۋىرۇس؟

来源:中央广播电视总台

审稿:尼加提·卡德尔

翻译:甫拉提

制作:古丽拜克拉木

www.uycnr.com

上一篇:
下一篇:
document.write('');